باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شىن جىنپىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتىنىڭ يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى(1)

2013.01.23 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 22-يانۋار جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، جازالاش بىلەن ساقلىنىشنى تەڭ تۇتۇش، ساقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىكتىن تېخىمۇ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ساقلىنىپ ۋە ئۇنى تۈزەپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ چىشەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان، ۋەزىپىلەر، يۈز يىللىق ئىككى نىشان، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پارتىيەمىزنىڭ قۇرۇلۇشىنى ياخشى قىلىش لازىم. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى-پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. ھۆكۈمەت پاك بولغاندىلا، ئاندىن خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيدۇ، ھوقۇقنى ئادىل يۈرگۈزگەندىلا، ئاندىن خەلقنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغىلى بولىدۇ. بىزنىڭ پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنىمىزنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى باشتىن-ئاخىر ياخشى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، نۆۋەتتە بىر قىسىم ساھەلەردىكى پاسسىپ چىرىكلىك ئەھۋاللىرى يەنىلا ئاسان، كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ، قانۇن، ئىنتىزامغا خىلاپ بىر قىسىم دېلولارنىڭ تەسىرى يامان بولۇۋاتىدۇ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، خەلق ئاممىسى يەنىلا نۇرغۇن تەرەپلەردىن رازى ئەمەس. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى-ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، مۈشكۈل ۋەزىپە. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنى دائىم چىڭ تۇتۇپ، چىرىكلىك، ئاينىپ كېتىشتىن ساقلىنىشنىڭ سىگنالىنى ياڭرىتىشتىكى مۇھىم ھالقىنىڭ بىرسى دائىم چىڭ تۇتۇش، يەنە بىرسى ئۇزۇن مۇددەت چىڭ تۇتۇش. بىز ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، چىرىكلىشىش، خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇپ، چىرىكلىك ئەھۋاللىرىنى پەيدا قىلىدىغان مەنبەنى ئۆزلۈكسىز تۈگىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم بىلەن خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەمىز-ئىنقىلابىي غايە ۋە پولاتتەك ئىنتىزام بىلەن تەشكىللەنگەن ماركسىزملىق پارتىيە، قاتتىق ئىنتىزام-پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكى. سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا، پارتىيە نىزامنامىسىغا ئەمەل قىلىش ۋە چىڭ تۇتۇشتىن ئىش باشلاش لازىم. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا ئەمەل قىلىش-ئەڭ يادرولۇق ئىش بولۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، پارتىيەنىڭ تۈپ نەزەرىيەسى، تۈپ لۇشيەنى، تۈپ پىروگراممىسى، تۈپ تەجرىبىسى، تۈپ تەلىپىدە چىڭ تۇرغانلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، مەركەزنىڭ نوپۇزىنى ئاڭلىق قوغدىغانلىق. يېتەكچى ئىدىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەت ھەم ئومۇملۇققا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم پىرىنسىپال مەسىلىلەردە، پۈتۈن پارتىيە ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكىتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە