خەلق تورىنىڭ 21-يانۋار ۋاشىڭگتوندىن بەرگەن تېلېگراممىسى : ئامېرىكا شەرقىي رايون ۋاقتى 21-يانۋار چۈشتە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ «ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنچە باغلايلى» دېگەن تېمدىكى 2-نۆۋەتلىك ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى پارلامېنت بېناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى. تۆت يىل ئىلگىرىدىكى مۇراسىمىغا قارىغاندا، ئوبامانىڭ 2-نۆۋەتلىك ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئامېرىكا خەلقىنىڭ سانى نەچچە يۈز مىڭ ئازايغان، بۇمۇ بىر تەرەپتىن ئامېرىكا خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتكە باغلىغان ئۈمىدىنىڭ تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل بولغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. )ۋېن شيەن، ۋۇ چېڭلياڭ، لى بويا خەۋىرى)