باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا كىردى

2013.01.21 16:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش خىزمىتى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشى تېزلەشمەكتىكەن، ئەمگەكنى كۆپ تەلەپ قىلىش تىپىدىن ئەمگەك، كاپىتال، تېخنىكا، داڭلىق ماركىلار بىرىكىش تىپىگە، دەسلەپكى پىششىقلاپ ئىشلەشتىن مۇكەممەل پىششىقلاپ ئىشلەشكە بۇرۇلۇش ياساپ، تېز تەرەققىي قىلىش، دەرىجىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش يېڭى باسقۇچىغا كىرگەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى يۆلەش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، چوڭ كۈچلۈك كوزىر كارخانىلاردىن بولۇش قاتارلىق 21 تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئاپتونوم رايون مالىيەسى مەدەت بېرىدىغان دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەخسۇس مەبلىغى ئەسلىدىكى ئاساستا 50مىليون يۈەن ئېشىپ، 100مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ، بۇ ئارقىلىق تېخنىكا تەتقىقاتى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە سۈپەت تەكشۈرۈش ئۆلچەش، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  نۆۋەتتە ئاپتونوم رايوندىكى تۈرلۈك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تەشكىلاتى تەرەققىي قىلىپ 9300گە يەتتى، بۇ ئارقىلىق ئىككى مىليون 570مىڭ دېھقانغا تەسىر كۆرسىتىلىپ، دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ بىر مىليارد 602مىليون يۈەن ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇندى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسىپنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 121مىليارد 500مىليون يۈەنگە، كوزىر كارخانىلار 390غا يەتتى، سېتىشتىن قىلغان يىللىق كىرىم 64 مىليارد 200مىليون يۈەنگە يېتىپ، %80تىن ئارتۇق دېھقان، %40تىن ئارتۇق تېرىقچىلىق بازىسىنىڭ كەسىپلەشتۈرۈش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى، دېھقانلارنىڭ كەسىپلەشتۈرۈشتىن قىلغان كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن %15 ئاشتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا سېتىش سەھنىسى قۇرۇلۇشىنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسپى تەرەققىياتىدا بۇرۇلۇش ياساش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ كىرىش نۇقتىسى قىلىپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى. 2012-يىلى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، ۋۇخەندە كۆرگەزمە سەھنىسى بەرپا قىلىش جەھەتتە زور ئىلگىرلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، كۆرگەزمىدە ئىمزالانغان توختام سوممىسى 35 مىليارد يۈەندىن، نەق مەيدانغا سېتىش سوممىسى 50مىليون يۈەندىن ئاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، داڭلىق ماركا ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە