باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شىن جىنپىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتىنىڭ يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى(2)

2013.01.23 14:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خىزمەت ئىستىلى مەسىلىسى ھەرگىز كىچىك ئىش ئەمەس، ئەگەر ناچار ئىستىلنى قەتئىي تۈزەتمەي، ئۇنى بولۇشىغا قويۇپ بەرسەك، خۇددى بىر كۆرۈنمەس تامدەك پارتىيەمىز بىلەن خەلق ئاممىسىنى ئايرىۋېتىدۇ، پارتىيەمىز يىلتىز، قان تومۇرى، كۈچىدىن مەھرۇم قالىدۇ. خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى ناھايىتى مۇھىم، لېكىن ئەڭ نېگىزى-جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىدا چىڭ تۇرۇش ۋە نۇرلاندۇرۇش. خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش ۋەزىپىسى ناھايىتى مۈشكۈل، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە-بىر تۇتۇش قىلىش نۇقتىسى ۋە سەپەرۋەرلىك پەرمانى. سەككىز بەلگىلىمە-ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم ئەمەس شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى نىشانمۇ ئەمەس، پەقەت خىزمەت ئىستىلىمىزنى ياخشىلاشنىڭ 1-قەدىمى، بىز كوممۇنىستلار قىلىشقا تېگىشلىك تۈپ تەلەپ. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەكشۈرۈش، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى ياخشى ئىجرا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇشى؛ كۈچلۈك، كەسكىن جاسارەت بىلەن چىڭ تۇتۇپ، ئىشنى ئوبدان باشلاپ، ئوبدان تۈگىتىپ، بېشى بار، ئايىغى يوق ئىشلارنى قىلماي، پۈتۈن پارتىيە، ئومۇمىي خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خەلق ئاممىسىغا ئەمەلىي ئۈنۈم ۋە ئۆزگىرىشلەرنى ئۆزلۈكسىز كۆرسىتىشى لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چىرىكلىكنى جازالاش ۋە ساقلىنىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش-پارتىيەمىزنىڭ كۈچىنىڭ ئىپادىسى شۇنداقلا پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ھەم ئاممىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. پارتىيەمىز بىر قىسىم پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ ئالىي كادىرلارنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئېنىق پوزىتسىيىسى ئارقىلىق، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتكە قانداق ئادەم بولۇشى، ئەمەلىي قانچىلىك يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلسىلا، مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، قاتتىق جازالاشنىڭ قۇرۇق گەپ ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ھەر قانداق ئادەمنىڭ قانۇننىڭ سىرتىدا مۇتلەق ھوقۇقى بولمايدۇ، ھەر قانداق ئادەم ھوقۇقنى يۈرگۈزۈشتە، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلققە مەسئۇل بولۇش، خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك. 1-قول باشلىققا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، سىياسىي ئىشلارنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەھبىرى كادىرلارنىڭ ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  ۋاڭ چىشەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇملۇقى ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكى چىقىش قىلىنىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش؛ سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، سەككىز بەلگىلىمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىل ياخشىلاشقا كۈچ چىقىرىپ، چىرىكلىكنى قانۇن، ئىنتىزام بويىچە قاتتىق جازالاپ، چىرىكلىكنى جازالاش، ساقلىنىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى چىڭىتىپ، ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش تەكىتلەندى. بىز بۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى 21-يانۋار بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ۋاڭ چىشەن مەركىزىي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تېرىشىپ ئاچايلى» دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكلاتى بەردى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە