باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋېن جياباۋ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت ئېچىشنى تەكىتلىدى

2013.01.22 14:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ 21-يانۋار چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە جۇڭگو خەلق بانكىسىغا بېرىپ، خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ھەم جۇڭگو خەلق بانكىسى، جۇڭگو بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى، جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى ھەم ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرى، ئاساسلىق سودا بانكىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  ۋېن جياباۋ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدا يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ئەسلەپ ئۆتتى. ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، پۇل مۇئامىلە خىزمىتى دۇچ كەلگەن ئىچكى، تاشقى مۇھىت يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ بولىدۇ، پۇل سىياسىتىنىڭ ھالقىلىق رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ پۇقراۋى پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش؛ سۇغۇرتا بازىرىنى پائال يېتىشتۈرۈش؛ ئۆسۈمنى بازارلاشتۇرۇشنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق پۇلىنىڭ ھالقىما سودا ۋە مەبلەغ سېلىشتىكى ئىشلىتىلىشىنى كېڭەيتىش؛ پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداپ، دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: پۇل مۇئامىلە كادىرلىرى قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە بىلىمى، بولۇپمۇ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ۋە خەلقئارا نەزەرگە ئىگە بىر تۈركۈم پۇل مۇئامىلە كادىرلىرىنى ھەقىقىي يېتىشتۈرۈپ چىقىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە