باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆمۈر يوللاردا ئېلېكتىر كۆمۈرىنى توشۇش كۈچى ئۆتكەن يىلدىكىدىن ئاشىدۇ

2013.01.21 16:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى 20- يانۋار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئېلېكتىر كۆمۈرىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى چىقارغاندىن كېيىن، تۆمۈر يول تارماقلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار كەسپىي جەمئىيەتلەر ۋە نۇقتىلىق ئېلېكتىر كۆمۈرى كارخانىلىرى بىلەن ئالاقە باغلاپ، «تۆمۈر يوللاردا ئېلېكتىر كۆمۈرىنى توشۇشنى باشقۇرۇش چارىسى» نى تىزلىكتە تۈزۈپ، توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى تەپسىلىي ئەمەلىيلەشتۈردى.

  1.ئېلېكتىر كۆمۈرىنى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، 2013-يىلى ئېلېكتىر كۆمۈرى توشۇش كۈچىنى سەپلەش ئومۇمىي مىقدارى ئالدىنقى يىلدىكى سەۋىيەدىن يۇقىرى بولىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  2.ئېلېكتىر كۆمۈرى كارخانىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، تۆمۈر يول توشۇش كۈچىنى بېرىكتۈرۈشنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلەيدۇ.

  3.ئېلېكتىر كۆمۈرىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى پۇرسەت بىلىپ، تۆمۈر يوللاردا يۈك توشۇشقا تەشكىللەش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، توشۇش كۈچىنى ئاشكارا ، ھەققانىي، ئادىل سەپلەپ، ئېلېكتىر كۆمۈرى كارخانىلىرىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.

  4.دۆلەتنىڭ ھەق يىغىش سىياسىتىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ئېلېكتىر كۆمۈرى توشۇشتىن ھەق ئېلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، نامۇۋاپىق ھەق ئېلىش قىلمىشلىرىنى توسۇشتا چىڭ تۇرىدۇ. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2012-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاساسلىق 363 ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ زاپاس كۆمۈرى 26 كۈندىن كۆپرەك ئىشلىتىشكە يېتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە