باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20–يىغىنى ئېچىلدى

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ1–يىغىنىنى ئېچىشقا ئالاقىدار ئىشلار قاراپ چىقىلدى

2013.01.21 14:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زەرىپە ئەھەد، پىراكتىكانت ئايتىللا ئاتاۋۇللا خەۋەر قىلىدۇ: سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20–يىغىنى 16–يانۋار ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەسقەت كەرىمباي يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمىتى خۇلاسىلەندى، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى لايىھەسى بىلەن تەكلىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات لايىھەسى، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ بەش يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى قاتارلىقلارغا قاراپ چىقىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1–يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى كېڭىشىش ئارقىلىق قارار قىلىندى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1–يىغىنىنى ئېچىشقا ئالاقىدار ئىشلار قارار قىلىندى.

  ئەسقەت كەرىمباي مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش بىر چوڭ ئائىلە. دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى، ئەزالار دېموكراتىك پارتىيە–گۇرۇھلار، ھەر ساھە، ھەر قايسى مىللەت، ھەر قايسى قاتلاملاردىن كەلگەن. كۆپچىلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە ئورتاق ئىش كۆرۈپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، شىنجاڭچە روھنى نامايان قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەر مىللەت، ھەر ساھەنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، يۈكسەك بىرلىكىگە تۈرتكە بولدى. سىياسىي كېڭەش بىر ئالىي مەكتەپ. كۆپچىلىك بۇ مەكتەپتە ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئورتاق ئالغا بېسىپ، سىياسىي ساپاسى، ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كىشىلىك ھايات تەجرىبىسىنى بېيىتتى. سىياسىي كېڭەش بىر چوڭ سەھنە. كۆپچىلىك بۇ سەھنىدە باراۋەر كېڭىشىپ، ئەقىل–پاراسىتىنى، ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇردى، سىياسىي كېڭەش ئىختىساسلىقلار توپلاشقان، ئەقلىي كۈچ مۇجەسسەملەشكەنلىكىدەك ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. كۆپچىلىكنىڭ يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا سادىق بولۇپ، ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداپ، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ دوكلاتىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىشىنى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1–يىغىنىنى ئېچىشقا ئالاقىدار ئىشلارنى ئەستايىدىل، ياخشى مۇزاكىرە قىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاخىرقى مۇھىم خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}