باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ توك يوق 170 مىڭ نوپۇسنىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ

2013.01.21 16:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل يېزا تورلىرىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە توك يوق رايونلارنىڭ ئېلېكتىر قۇۋۋىتى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، يەنە 170 مىڭ توكى يوق نوپۇسنىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ، سەككىز ۋىلايەت ئوبلاست ئېلېكتىر تورى تىجارەت دائىرىسىدىكى بارلىق توكى يوق نوپۇسنى تۈگىتىدۇ.

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇۋۋىتى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ فېڭلېي 20-يانۋار يۇقىرىقىلارنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2012-يىلى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە توك يوق رايونلاردا ئېلېكتىر قۇۋۋىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىلىپ، 259 مىڭ كىشىنىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسى ھەل بولدى، 4 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان چارۋىچىغا نەپ يەتكۈزۈلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كۈچىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، سىياسەت، مەبلەغ، تۈر جەھەتتە تەڭداشسىز دەرىجىدە قوللاپ، شەرقى رايون غەربىي رايونغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتكەن. ۋاڭ فېڭلېي مۇنداق دېدى: 2012-يىلى دۆلەت يېزا تور قۇرۇلۇشى مەبلەغ سوممىسىنى قىسقارتىش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك تور قۇرۇلۇشى مەبلەغ سوممىسى 1 مىليارد 190 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تارىختىكى يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ 5 مىليارد كىلوۋات سائەت توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش، ھەر دەرىجىلىك ئېلېكتىر تورىدا قۇرۇلۇش باشلاش ۋە قۇرۇلۇش كۆلىمىنى 33 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈش، جەنۇبىي قىسىمدىكى بىر قەدەر نامرات ۋىلايەت ئوبلاستلارنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئېلېكتىر تورى تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى پىلانلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە