- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چوڭ قۇرۇقلۇقتىن تەيۋەنگە كۈنىگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۆپىيىدۇ
2013.01.24 14:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ تەيۋەن ساياھەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىدىن ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى خەۋىرىدىن قارىغاندا تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەت ئۆمىكىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى كۈنىگە 4مىڭ ئادەم قېتىمدىن 5 مىڭ ئادەم قېتىمغا كۆپەيتىدىكەن، شەخسى ساياھەتچىلەرنىڭ كۈنىگە تەيۋەنگە كېلىش نورمىسىنى مىڭ كىشىدىن 2 مىڭ كىشىگە كۆپەيتىدىكەن، تەيۋەن شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەيۋەننىڭ ئومۇمىي كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىنى ئويلىشىپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىن يۇقىرى دولقۇن مەزگىلىدە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى كونترول قىلىپ، ساياھەتچىلىكتە ئەلا سۈپەتلىك مۇساپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئۆمەكلەرگە ئالدىن كېنىشكە بېرىپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىن تەيۋەنگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بازىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئومۇمىي سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە