باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سانائەت خەۋەرلىشىش كەسپىينىڭ 2012-يىللىق تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2013.01.24 14:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 23-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش ئىنژېنېر، ئاخبارات باياناتچىسى جۇ خۇڭرېن 2012-يىللىق سانائەت خەۋەرلىشىش كەسپى تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  جۇ خۇڭرېن مۇنداق دېدى: 2012-يىلى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسى مەركەزنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇرەككەپ ئىقتىسادى ۋەزىيەت خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، 12-بەش يىللىق پىلاننى مۇقىم يولغا قويۇپ، سانائەتنىڭ ئىقتىسادى ئايلىنىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئالاقە كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ياخشىلاپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرلەشكە ئېرىشىش كېرەك.

  بىرىنچى، سانائەت كەسپىدە تەكشى ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2012-يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قىممىتى ئۆتكەن يىلدىكىدىن ئون پىرسەنت ئاشقان، 1-ئايدىن 11-ئايغىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا زىيىنى تەڭلەشكەن، ئىشقا ئاشۇرغان پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3 پىرسەنت ئاشقان.

  ئىككىنچى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش. ئەنئەنىۋى كەسپىي تېخنىكىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىستراتېگىيىلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۈسكىنىلىرىنى ياساش، يېڭى ماتېرىيال، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە يېڭى ئېنېرگىيىلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق پىلانلارنى ئېلان قىلىش يولغا قويۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش. دۆلەت زور پەن تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۈركۈم مۇھىم يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيىلىك ئاپتوموبىل كەسپى تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، سىرەك يەر ۋە ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار، پروتىد جانلىقلار دورىسى ۋە ۋاكسىنا قاتارلىق زور كەسىپلەردە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى.

  تۆتىنچى، كىچىك پەۋقۇلئاددە كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاش. كىچىك پەۋقۇلئاددە كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش، ئالاقىدار تارماقلار جەمئىي 40دىن ئارتۇق يۆلەش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  بەشىنچى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرلەشكە ئېرىشىش. ئۇچۇر ئاساسىي قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، كەڭ بەلۋاغنى ئومۇملاشتۇرۇپ سۈرىتىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە يېزىلارغا تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئالدىن كۆزلەنگەن نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ئىلىمىزنىڭ سانائەت خەۋەرلىشىش كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ياخشى بولماقتا، لېكىن يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە. ئۈنۈملۈك ئېھتىياج يېتەرلىك بولماسلىق بىلەن مەھسۇلات ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش زىددىيىتى ئۆزئارا رول ئويناپ، ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلە بىلەن قىسقا مۇددەتلىك قىيىنچىلىق ئۆزئارا بىرىكىپ، تەكشى بولماسلىق، ماسلاشماسلىق، سىجىل بولماسلىق مەسىللىرى يەنىلا بىر قەدەر گەۋدىلىك بولماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە