باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيەدىكى 100 دىن ئارتۇق رۇسىيە پۇقراسى سۇرىيەدىن ئايرىلدى

2013.01.23 17:06         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 22-يانۋار، رۇسىيە سۇرىيەدىن ئايرىلماقچى بولغان 150 تىن كۆپ رۇسىيە پۇقراسىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن، ئىككى ئايروپىلاننى لىۋان بېيرۇت ئايرودۇرۇمىغا ئەۋەتكەن. سۇرىيەدىن ئايرىلىشنى خالايدىغان رۇسىيە پۇقرالىرىدىن تۇنجى تۈركۈمدە 50 ئادەم يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ، سۇرىيە-لىۋان چېگرىسىدىن ئۆتكەن. سۇرىيەنىڭ ‹‹پولاتتەك تەۋرەنمەس›› ئىتتىپاقداش دوستى بولغان رۇسىيەنىڭ سۇرىيە زېمىنىدىن پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ ئەكىتىشتەك بۇ خىل ھەرىكىتىنى چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى ‹‹رۇسىيە سۇرىيە زۇڭتۇڭى بەشىرنىڭ تەختتىن چۈشۈشى ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن›› دەپ پەرەز قىلغان. بىراق، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 22-يانۋار، بۇ ھەرىكەتنىڭ ھەرگىزمۇ سۇرىيەدىكى رۇسىيە پۇقرالىرىنى سۇرىيەدىن ئايرىلىشقا دەۋەت قىلىش ئەمەسلىكىنى، سۇرىيەنىڭ يەنە نۇرغۇن رايونلىرى بىخەتەر بولغاچقا، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالىرىنى سۇرىيەدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، سۇرىيەدە تۇرۇۋاتقان رۇسىيەلىكلەردىن نەچچە مىڭى ۋە شۇ يەرلىكلەر بىلەن تويلىشىپ مۇھاجىرلار بولۇپ قالغان رۇسىيەلىكلەردىن 30 مىڭى بار بولۇپ، بۇ قېتىمقى100 دىن ئارتۇق رۇسىيەلىكنىڭ سۇرىيەدىن ئايرىلىشى ئۇنچە چوڭ ھەرىكەت ھېسابلانمايدىكەن. 2012-يىلنىڭ ئاخىرىدا، رۇسىيە ھۆكۈمىتى سۇرىيەدىكى رۇسىيەلىكلەر يۇرتلىرىغا قايتىشنى خالىسا، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئۇلارنى قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان، بىراق، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى نۆۋەتتە سۇرىيەدىن ئايرىلىشنى خالىمىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە