22-يانۋار، بىر قىزچاق ئاپىىسغا ئەگىشىپ، خاڭجۇ ۋوگزالىغا كېلىپ، پويىز ساقلىماقتا. ئۇنىڭ يۇرتى گۇيجۇدا، ئاتا-ئانىسى خاڭجۇ فۇياڭدا ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ. چاغانلىق توشۇش باشلىنىش ئالدىدا، كۆپلىگەن سىرتتىن جېجىياڭغا كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئالدىنئالا يۇرتىغا قايتتى. سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر سانى ئەڭ كۆپ بولغان جېجياڭ ئۆلكىسىدە نۆۋەتتە 20 مىليوندىن ئارتۇق ئىشلەمچى بار، ئۇلارغا ئەگىشىپ كەلگەن پەرزەنتلىرى چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدە، ئاتا-ئانىسى بىلەن تەڭ سەپەرگە چىقىدۇ. جېجياڭ ئۆلكىلىك چاغانلىق توشۇش ئىشخانىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2013-يىللىق چاغانلىق توشۇشتا جېجياڭ ئۆلكىسدە توشۇلىدىغان يولۇچىلار 245 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تۆمۈر يول يولۇچىلىرى 9 مىليون 630 مىڭغا يېتىدىكەن.