باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋېن جياباۋ مالىيە مىنىستىرلىقىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى

مالىيە خىزمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ـ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

2013.01.16 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

15-يانۋار گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ مالىيە مىنىستىرلىقىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ جيەنشىڭ فوتوسى)
  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (مۇخبىر: جاۋ چېڭ) گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 1-ئاينىڭ 15-كۈنى مالىيە مىنىستىرلىقىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا مالىيە خىزمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ـ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  باج تۈزۈمىنى ياخشىلاش تىلغا ئېلىنغاندا، ۋېن جياباۋ، يېقىنقى مەزگىلدە «تىجارەت بېجى تاپشۇرۇشنى قوشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرۇشقا ئۆزگەرتىش» سىناق نۇقتىلىرىنى كېڭەيتىش ۋە بايلىق بېجى ئىسلاھات خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى تۇتۇش كېرەكلىنى ئېيتتى. ئوتتۇرا-ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، ئىككى زور باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىش كېرەك. بىرى ئۆي-مۈلۈك بېجى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، ئولتۇراق ئۆي سودىسى، ئىگىدارلىق قاتارلىق ھالقىلارنى قاپلىغان ئۆي-مۈلۈك بېجى تۈزۈمىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يەنە بىرى كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەشكە پايدىلىق باج تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيەنىڭ كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەشتىكى رولىنى كۈچەيتىش لازىم.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە