باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر دا بەش يىلدىن بۇيان يېڭىدىن كۆپەيگەن تېرىلغۇ يەر 1 مىليون 150 مىڭ موغا يەتتى

2013.01.22 13:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇڭ شاۋخۇانىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت زېمىن بايلىقى خىزمىتى تېلېۋىزىيەلىك–تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: ئاپتونوم رايون بەش يىلدىن بۇيان ئىلى دەرياسى ھەۋزىسىدە يەر ئېچىش ۋە رەتكە سېلىش قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان يەر تۈزەش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن، يېڭىدىن كۆپەيگەن تېرىلغۇ يەر 1 مىليون 150 مىڭ موغا يەتكەن، بۇ ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ ئېشىشى شۇنىڭدەك دېھقانلار كىرىمىنىڭ كۆپىيىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرگەن.

  ئاپتونوم رايون 2012–يىلى 1 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يەر تۈزەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرغان، يېڭىدىن كۆپەيگەن تېرىلغۇ يەر 740 مىڭ موغا يەتكەن. 16 دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى ئۆلچەمدىكى ئاساسىي ئېتىز–ئېرىق ئۈلگە ناھىيەسى قۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، 2 مىليون 200 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەمدىكى ئاساسىي ئېتىز–ئېرىق قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى تاماملانغان، دۆلەتنىڭ كەسىپلەر سىياسىتى ۋە ئىقتىسادچىل، تۈجۈپىلىك بولۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تۈرلەرگە ئىشلىتىدىغان 12 مىڭ 800 مو يەر قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ قىسقارتىلغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون يەر ئېچىش ۋە قوغداشقا، مەنبەنى ئېچىش بىلەن ئېقىمنى چەكلەشنى تەڭ تۇتۇش سىياسىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنى يىلدا مۇقىم ئاشۇرغان. 2012–يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، تېرىلغۇ يەر 77 مىليون مودىن ئېشىپ، ئاساسىي ئېتىز–ئېرىق كۆلىمى 53 مىليون 300 مىڭ مو ئەتراپىدا مۇقىملاشتۇرۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە