خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتى خيۇستون شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى لون ستار (Lone Star Colleges) ئىنىستىتۇتىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا 22-يانۋار قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئەڭ ئاز دېگەندە ھۇجۇم قىلغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئادەم يارىلانغان. ساقچى تەرەپ ئىككى ئادەمنى دېلوغا چېتىشلىق دەپ قاراپ، بىر ئادەمنىڭ قولغان ئالغان، يەنە بىرى قېچىپ كەتكەن، ساقچى تەرەپ ھازىر قوغلاپ تۇتۇۋېتىپتۇ.