باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەكتەپنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، مەكتەپلەر مەمۇرىيەتلىشىش خاھىشىدىن غالىپ كېلىشى كېرەك.

2013.01.17 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «مەكتەپنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ يولغا قويۇش پىروگراممىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش پىروگراممىسى» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى. «يولغا قويۇش پىروگراممىسى»دا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەكتەپلەر تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلميلەشتۈرۈش، دېموكراتىيەلەشتۈرۈش ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئاساسىدا تەدبىر بەلگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم. مەكتەپلەر ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە پەن تەتقىقاتىنى يادرو قىلىشى، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشى، ئەمەلىي ساقلىنىۋاتقان مەمۇرىيەتلىشىش خاھىشى ئۈستىدىن غالىپ كېلىشى كېرەك. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، بىر قىسىم جايلار ۋە مەكتەپلەردە مەكتەپنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تونۇشى تېخى لايىقىدا ئەمەس، تۈزۈم مۇكەممەل ئەمەس؛ ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان قانۇنغا خىلاپ مەكتەپ باشقۇرۇش، قانۇنغا خىلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە قانۇنغا خىلاپ ھەق ئېلىشقا ئوخشاش بىر قىسىم مەسىلىلەر ئايرىم رايونلار ۋە مەكتەپلەردە يەنىلا توختاۋسىز كۆرۈلۈۋاتىدۇ. (مۇخبىر جاۋ ئېنا)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە