باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ساياھەت

شىنجاڭ ساياھەتچىلىك تەربىيەلەش ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ ساياھەت تەتقىقات ئاكادېمىيەسى قۇرۇلدى

2013.01.23 17:02         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەڭرىتاغ تورى، ئۈرۈمچى، 22-يانۋار خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەتچىلىك تەربىيەلەش ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنىڭ يوپۇقى 22-يانۋار رەسمىي ئېچىلدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى جىدوڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەتچىلىك تەربىيەلەش ئىنىستىتۇتى شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىي ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ بېرىدىغان بازا بولۇپ، ‹‹ئالاھىدىلىكى روشەن بولۇش، شىنجاڭدا باشلامچى بولۇش، دۆلەت ئىچىدە تەسىرى بولۇش›› ئۆلچىمى بويىچە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەتقىقات ئاكادېمىيەسى شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى سىياسەت، كەسپىي تەتقىقات بىلەن تەمىنلەيدىغان كەسپىي ئورگان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەتچىلىك تەربىيەلەش ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنى قۇرۇش شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى ئەۋزەل ساياھەتچىلىك تەرەققىيات مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، ساياھەتچىلىك كەسپىي تەرەققىيات ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى.

  يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلق ساياھەت ئىدارىسى يەنە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە