باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ 2012-يىللىق كىلىمات ئەھۋالى ئېلان قىلىندى

قىشتا تېخىمۇ سوغۇق ، يازدا تېخىمۇ ئىسسىق بولدى

2013.01.22 13:48         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  21-يانۋار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2012-يىللىق كىلىمات ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى . 2012-يىلى (يانۋاردىن دېكابىرغىچە)، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا يىلبويى سەل تۆۋەنرەك بولغان ، بىراق ، ئۈرۈمچىنىڭ باشقا جايلارنىڭكىدىن يۇقىرىراق بولۇپ ، ℃0.1-0.3 بولغان .

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كىلىمات مەركىزىنىڭ مۇدىرى چېن خوڭۋۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، 2012-يىلى ، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنرەك بولغان ؛ قىشتا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن ، باھار ۋە يازدا يۇقىرىراق ، كۈزدە تۆۋەنرەك بولغان. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارىنىڭ بوشلۇق تارقىلىشى تەكشى بولماي ، شىمالىي شىنجاڭ ۋە تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونىدا يىل بويى ھۆل-يېغىن مىقدارى بىر قەدەر ئاز ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھۆل-يېغىن مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولغان . شىمالىي شىنجاڭ ۋە تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا قىش ، باھار ، ياز كۈنلىرى ھۆل-يېغىن مىقدارى ئازراق ، كۈز پەسلىدە ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپرەك بولغان ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قىش ۋە يازدا ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپرەك ، كۈزدە ئازراق بولغان . باھار كىرىش مەزگىلى شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا بالدۇرراق ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا كېيىنرەك بولغان .

  بۇ بىر يىلدا ، ئاپتونوم رايونىمىزدا كەڭ كۆلەملىك ، ئېغىر ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايى ھادىسىسى ئاز يۈز بەرگەن، بىراق ، قىشتا قار يېغىش جەريانىدا مۆلدۈر ۋە قارا يامغۇر يېغىش ئەھۋاللىرى كۆپ كۆرۈلگەن ، باھاردا بوران يىللاردىن كۈچلۈك چىققان. بىر يىل ئىچىدە كۆرۈلگەن ئاساسلىق ھاۋايى ھادىسىسى ۋەقەلىرى ۋە كىلىمات ئاپەتلىرى مۆلدۈر ، قىسمەن جايلاردا ياغقان قارا يامغۇر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كەلكۈن ، شۇنداقلا بۇلاردىن ھاسىل بولغان گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەر ، بوران ، قۇرغاقچىلىق، قار، چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى ، ئۈششۈك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە