20-يانۋار، ئەنخۇي ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 11-نۆۋەتلىك يىغىنى ئېچىلدى. «80-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان» ئايال سىياسىي كېڭەش ئەزاسى چېن ۋېن يىغىن باش كاتىبات باشقارمىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، تېخى ئېمىۋاتقان بوۋىقىنى ئېلىپ، «ئىككى يىغىن»غا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى :« بالام تېخى ئىمىۋاتاتىدۇ،شۇڭا ئۇنىڭدىن خەۋەر ئېلىشىم كېرەك، ئەمما سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوقۇم سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ئۆتەشكە تىگىشلىك مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلىشىم كېرەك.»