باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جيا چىڭلىن ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى خاتوياما يۇكىيو بىلەن كۆرۈشتى

2013.01.17 16:43         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن 16-يانۋار ‹‹خەلق›› سارىيىدا ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى خاتويوما يۇكىيو بىلەن كۆرۈشتى
  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 16-يانۋار تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن 16-يانۋار ‹‹خەلق›› سارىيىدا ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى خاتويوما يۇكىيو بىلەن كۆرۈشتى.

  جيا چىڭلىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە مۇھىم قوشنىلاردىن بولۇپ، ئۆزئارا ئالاقە ۋە پۇل مۇئامىلە ئالاقىسى بارغانسېرى كېڭەيدى ۋە چوڭقۇرلىدى. ئىككى دۆلەت ماڭغان تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق يولى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا مەزكۇر رايونلار ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ تۆت پارچە سىياسىي ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن پىرىنسىپلار ئاساسىدا، تارىخنى نەزەردە تۇتۇپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش روھى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ دىياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسدىكى ساقلانغان ئىختىلاپلارنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئوبدان بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم بولغان تەرەققىيات يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  خاتويوما مۇنداق دېدى: ياپونىيەنىڭ تەرەققىياتى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىققا مۇھتاج، ياپونىيە بىلەن جۇڭگو ئۆزئارا قول تۇتۇشۇپ، مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە قاتارلىق يەر شارى قاتارلىق تېمىلاردا ئورتاق كېڭىشىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ياپونىيە بىلەن جۇڭگو ئىمزالىغان تۆت تۈرلۈك ھۆججەت ئاساسىدا، ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستېراتگىيەلىك مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە