باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چوڭ يەپ چوڭ ئىچىش مەسىلىسى قاچان ھەل بولىدۇ؟(1)

2013.01.23 16:32        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تاماق ئۈستىلىدە بۇزۇپ چېچىپ، ئىسراپ قىلىشتەك جۇڭگوچە ھەشەمەت تامىقىغا ھەممىمىز كۆنۈپ قالغاندەك قىلىمىز، مەيلى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانىلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى ھەر خىل رېستورانلاردا بولسۇن كۈندە دېگۈدەك تۆكۈلۈۋاتقان تاماق ئەخلەتلىرى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. كىشىنى قايتا ئويغا سالىدۇ، مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەدەنىي ، ئاقىلانە تاماقلىنىش تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، تاماقلىنىشتا يۈز ئابرۇي قوغلىشىشنى تۈگىتىپ، جۇڭگوچە بۇزۇپ چېچىپ تاماق يېيىشنى توسۇپ، ئىسراپچىلىقنى ئازايتىشتا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ.

  مۇخبىر يېقىندا نۇرغۇن شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىپ، يېمەك ئىچمەك ساھەسىدە كۈندە ئېشىپ قالغان تاماقلارنىڭ كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىدى، 21-يانۋار سائەت 14 دە مۇخبىر جىنەن يىڭشيوڭشەن يولىدىكى بىر ئالىي رېستورانىنىڭ ئايرىمخانىسىدا خېرىدارلارنىڭ ئەمدىلا تاماق يەپ بولۇپ، قايتقانلىقى، مۇلازىمەتچىنىڭ ئۈستەلنى يىغىشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئۈستەل ئۈستىدە ھەر خىل بېلىق، ئۆردەك كاۋىپى، توخۇ كاۋىپى قورۇما، شورپا دېگەنلەر شۇ پېتى قالغان ئىدى، يوقارقى تاماقلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ باھاسى كەم دېگەندىمۇ 150 يۈەندىن ئاشاتتى.

  مۇلازىمەتچى مۇخبىرغا: ئۇلار ئاساسلىقى ھاراق ئىچىپ، پاراڭلىشىدۇ، تاماق بەك ئاز يېيىلىدۇ، ساھىبخان ئادەتتە ئېشىپ قالغان تاماقلارنى ئېلىپ كەتمەيدۇ، ئۇلار ئېشىپ قالغان تاماقلارنى ئېلىپ كېتىشنى يۈز كېتىدىغان ئىش دەپ قارايدۇ، مەنمۇ بۇنى ئىسراپچىلىق دەپ قارىساممۇ ئەمما تۆكۈۋېتىشكە مەجبۇرمەن.

  رېستورانىنىڭ يەر ئاستى بىرىنچى قەۋىتىدىكى قاچا يۇيۇش ئۆيىدە ئېشىپ قالغان تاماقلار بىر چوڭ چېلەككە تۆكۈۋېتىلگەن بولۇپ، بىر مېتىردىن ئارتۇق چوڭقۇرلۇقتىكى 60 سانتىمېتىر كەڭلىكتىكى بۇ چېلەك ئاللىقاچان توشۇپ كەتكەن ئىدى، بۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈن پۈتۈن تاشلىۋېتىلگەن بېلىق، راكلار كۆرۈنۈپ تۇراتتى، قاچا يۇيغۇچى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۈشەنبە كۈنى چۈشتە سودا ئانچە ياخشى بولمايدۇ، ئەمما كەچتە ياكى ھەپتە ئاخىرىدا سودا ياخشى بولىدىغان كۈنلىرى بۇ چېلەكلەر لىپمۇ لىق توشۇپ كېتىدۇ.

  ئالىي مەكتەپلەر قىشلىق تەتىلگە قويۇۋېتىشتىن بۇرۇن مۇخبىر شەندوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭداۋ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق بەزى ئالىي مەكتەپلەردە زىيارەتتە بولدى، مەكتەپ ئاشخانىلىرىدا ئىسراپ بولۇۋاتقان يېمەكلىكلەر سىرتتىكى رېستۇرانلاردىن قېلىشمايتتى.

  21-يانۋار كەچتە جىنەندىكى مەلۇم رېستوراندا تاماق يەپ ئېشىپ قالغانلىرىنى ئۆيىگە ئېلىپ ماڭغان لى خانىم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بەك كۆپ تاماق بۇيرۇۋەتكەچكە تاماق ئېشىپ قالدى،ئەمەلىيەتتە ئۇنچە كۆپ بۇيرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، ئېشىپ قالغانلىرىنى ئېلىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ يېيىشىمىز ناتايىن، ئەمما ئاخىردا يەنىلا تاشلىۋېتىمىز.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە