- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئۆتكەن يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەملىكەت مالىيە چىقىمى 12 تىرىليون 570 مىليارد يۈەن بولدى
2013.01.23 14:54 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن قىلىنغان چىقىم زور دەرىجىدە ئاشتى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 22-چېسلا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، 2012-يىلى 1-ئايدىن 12-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جامائەت مالىيە كىرىمى 11 تىرىليون 721 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئالدىنىقى يىلدىكىدىن %12.8 ئاشتى؛ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جامائەت مالىيە چىقىمى 12 تىرىليون 571 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1 تىرىليون 646 مىليارد 400 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، %15.1 ئاشتى. خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت نۇقتىلىق چىقىملار ھەقىقىي كاپالتكە ئىگە قىلىندى.
مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، پۈتۈن يىللىق مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاستىلىشى، كارخانا پايدىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى تۆۋەنلىشى، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى تۆۋەنلىشى، بولۇپمۇ سانائەت ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ زاۋۇتتىن چىقىرىش باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى، شۇنىڭدەك قۇرۇلمىلىق باج كېمەيتىش سالمىقىنىڭ بىر قەدەر چوڭ بولۇشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرى بىلەن پۈتۈن مەملىكەت مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 12.2 پىرسەنت پوئىنتى تۆۋەنلىدى. (مۇخبىر لى لىخۇي)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە