باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چوڭ يەپ چوڭ ئىچىش مەسىلىسى قاچان ھەل بولىدۇ؟(2)

2013.01.23 16:32        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جىنەن شەھەر ئاھالىسى خۇاڭ ئەپەندى تاماق ئۈستىلىدىكى ئىسراپچىلىق ھەققىدە باشقىچە قارىشىنى دەپ مۇنداق دېدى: باشقىلارنى تاماققا تەكلىپ قىلغاندا ئېشىپ قالسا مەيلىكى، ھەرگىزمۇ ئاز بولۇپ قالماسلىقى كېرەك، سەت بولىدۇ ئەمەسمۇ، ئەگەر ئۆز دوستلىرىمىز ياكى ناھايىتى يېقىنلىرىمىز بولسا، ئېشىپ قالغانلىرىنى ئېلىپ كېتىمىز، ئەمما ئىدارە تەكلىپ قىلغان ياكى باشقا مۇھىمراق مېھمانلار بولسا ئېشىپ قالغانلىرىنى ئېلىپ كېتىشنى نومۇس ئىش دەپ قارايمىز.

  لى خانىم، خۇاڭ ئەپەندىنىڭ سۆزى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، دېمىسىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر يۈز ئابرۇي دەپ مېھماندارچىلىقلاردا ناھايىتى كۆپ تاماق بۇيرۇيدۇ. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى يۇ چاڭجياڭ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگولۇقلارنىڭ چوڭ يەپ چوڭ ئىچىش مەسىلىسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان، ئىسراپچىلىقنى بىلىپ تۇرۇپ يۈز ئابرۇيىنى دەپ ئۇنى توسۇپ قالالمايۋاتىمىز، ھەشەمەت بىلەن تاماق يېيىش ئۇسۇلى ماددىي جەھەتتىكى نامراتچىلىقنىڭ تارىخىي باسقۇچىدا پەيدا بولغان بولۇپ، كۆپ تاماق بۇيرۇش قىزغىنلىقنى ئىپادىلەشنىڭ ئۇسۇلى بولۇپ قالغان.

  يۇ چاڭجياڭ مۇنداق دېدى:ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەزى شەھەر ئاھالىلىرى تاماق يېيىشتە ناھايىتى مەدەنىي، ئاقىلانە، ئۇلار ئۆزىنى كۆز كۆز قىلىش خاراكتېرىنى ئالغان بەزى تاماققا تەكلىپ قىلىشتىن باشقا ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا ناھايىتى تېجەشلىك بىلەن ئىستېمال قىلىدۇ، ئېشىپ قالغانلىرىنى ئېلىپ كېتىشنى يۈز كېتىدىغان ئىش دەپ قارىمايدۇ.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جۇ شياجېڭنىڭ قارىشىچە، چوڭ يەپ چوڭ ئىچىپ ئىسراپچىلىق قىلىش مەسىلىسى يەنە ھۆكۈمەت پۇلىغا تاماق يېيىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتىنىڭ داۋاملىق ئېشىپ بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئالايلۇق مېھمان كۈتۈۋېلىش مەسىلىسىدە تۆۋەن دەرىجىلىكلەر تاماقنىڭ باھالاش سىستېمىسىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئەڭ ياخشى تاماقلارنى بۇيرۇتىدۇ، ئۇلار ئۆز يېنىدىن پۇل چىقارمىغاندىن كېيىن ئاياپ ئولتۇرمايدۇ. يېمەك ئىچمەك جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي بايلىقى، ھەرقانداق ئىسراپچىلىق جەمئىيەت بايلىقىنى خورىتىدۇ، مۇھىتنى بۇلغايدۇ، سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولىشىچە نۆۋەتتە ئېلىمىزدە يەنە نەچچە ئون مىليون كىشىنىڭ تويۇنۇش، كىيىنىش مەسىلىسى ھەل بولمىغان.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى چېن دەيفۇ ئىلگىرى: مەيلى ھۆكۈمەتنىڭ كۈتۈۋېلىش ئىشلىرى بولسۇن ياكى شەخسى مېھماندارچىلىق بولسۇن سورۇن تارقىغاندىن كېيىن ھەمىشە نۇرغۇن تاماق ئېشىپ قالىدۇ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى يۈزىسىدىن بولىدىغان كۈتۈۋېلىشلاردا ئەڭ كۆپ ئاشىدۇ دېگەن ھەمدە بەزى ۋەكىللەر بىلەن بىرگە ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەققىدە قانۇن چىقىرىپ، ئىسراپچىلىق قىلمىشلىرىنى توسۇش، ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى.

  يۇ چاڭجياڭ مۇنداق دېدى: جەمئىيەتتە چوڭ يەپ چوڭ ئىچىشنىڭ قالاقلىق، نادانلىق، ھەتتا بىمەنىلىك ئىكەنلىكىدەك بىر جامائەت پىكرىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم، تېجەشلىك بىلەن تاماقلىنىش، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش، مۇھىت ئاسراش ئېڭىغا ئوخشاش خەلقئارا قاراشقا ئۇيغۇن، ئۇ دەۋرنىڭ ئېقىمى.

  گەرچە چوڭ يەپ چوڭ ئىچىش داۋاملىق يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما بەزى رايونلاردا بۇ خىل ئەھۋال ياخشىلىنىشقا باشلىدى، شاڭخەي شەھىرىدىكى بىر بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا يېمەك ئىچمەك بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى جۇ جې مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شاڭخەيدە بولۇپمۇ سودا ساھەسىدىكى قابىلىيەتلىكلەر قاتلىمىدا تېجەشلىك يېيىش بىر ئېقىمغا ئايلاندى، ئالايلۇق ئۈستەلگە بىر بېلىق كەلتۈرۈلگەن بولسا ئۇنى مۇلازىمەتچى ئۈستەلگە ئېلىپ كېلىپ، كۆرسەتكەندىن كېيىن ھەر بىر كىشىگە بۆلۈپ تەخسىسىگە سېلىپ قويىدىغان بولدى، بۇنداق بولغاندا ھەم قولاي، ھەم تېجەشلىك بولىدۇ.

  يۇ چاڭجياڭ مۇنداق دېدى: بەزىلەر باھانى ئۆستۈرۈش ئىسراپچىلىقنى توسۇشنىڭ ئۇسۇلى دەپ قارايدۇ، ئەمما ئىسراپچىلىقنىڭ يىلتىزى ئاقىلانە تۇرمۇش قارىشىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىنماسلىقىدا، جۇڭگو تاماققا زورلايدىغان دەۋردىن ئۆتۈپ كەتتى، ساغلام تاماق يېيىش قارىشى، ئاقىلانە ياشاش ئۇسۇلى ئاستا ئاستا ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندى، جۇڭگوچە بۇزۇپ چېچىپ تاماق يېيىشنى تۈزەشتە ھەر بىر ئادەمنىڭ تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە