باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ ئىجرا قىلىش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلىكى غۇلغۇلا پەيدا قىلدى

2013.01.23 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭدىكى بىر ئاڭلىغۇچى ئىستانسىمىزنىڭ خەۋەر قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ، 2012-يىلى ئۇلارنىڭ شىركىتى جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئارقىلىق 310 مىڭ يۈەن پۇلنى خېبېي ئۆلكىسى چېڭدې شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا ئىئانە قىلغانلىقى، ئەمما قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ كېلىشكەن مۇددەت ئىچىدە بۇ پۇلنى مەكتەپنىڭ ھېساباتىغا ئۇرۇپ بەرمىگەنلىكى، ئەسلى ئۈچ ئايدا تاماملىنىدىغان خىزمەتنىڭ يېرىم يىلغا سوزۇلغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

  بۇ ئاڭلىغۇچى گۇمانلىنىپ: ئانچە كۆپ بولمىغان بۇ پۇلنى ھېساباتقا ئاغدۇرۇشقا يېرىم يىل كېتەرمۇ، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى بۇنىڭغا قانداق چۈشەندۈرۈش بېرىدۇ دېدى، ئىستانسىمىز مۇخبىرى بۇنى تەكشۈردى.

  2012-يىلنىڭ بېشىدا ليۇ ئەپەندى تۇرۇشلۇق شىركەت ئازراق پۇل ئاجرىتىپ يېزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئىئانە بەرمەكچى بولغان، ئۇلار 310 مىڭ يۈەننى ئېلىپ جۇڭگو قىزىل كىرسىت جەمئىيىتىگە بارغان، ئىككى تەرەپ كېڭىشىش ئارقىلىق خېبېي ئۆلكىسىنىڭ چېڭدې شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە تەجرىبىخانا، قىرائەتخانا سېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان، ئىئانە قىلغۇچى تەرەپمۇ قىزىل كىرسىت جەمئىيىتىنىڭ بۇ پۇلدىن %10 باشقۇرۇش تەننەرخى ئېلىشقا قوشۇلغان.

  2012-يىلى 7-ئاينىڭ بېشىدا قىزىل كىرسىت جەمئىيىتى كېلىشىۋالغىنى بويىچە بىرىنچى قېتىمدا جەمئىي 140 مىڭ يۈەن پۇلنى باشلانغۇچ مەكتەپكە بەرگەن، مەكتەپمۇ تەجرىبىخانا ۋە قىرائەتخانا قۇرۇلۇشىنى باشلىۋەتكەن.

  ئەمما 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە قالغان 140 مىڭ يۈەن مەكتەپنىڭ ھېساباتىغا كىرمىگەن، قۇرۇلۇش پۇلى ۋە ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىش پۇلىنى ئالدىن بىلەن قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ چىقىرىپ تۇرغان، ئۇلار ئىزچىل مەكتەپتىن پۇلنى بېرىۋىتىشنى سۈيلىگەن، شۇنداق قىلىپ مەكتەپ ئىئانە بەرگۈچى تەرەپكە يەنى ليۇ ئەپەندى تۇرۇشلۇق شىركەتتىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولغان.

  ئىئانە بەرگۈچى تەرەپتىن ليۇ ئەپەندى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال قىزىل كىرسىت جەمئىيىتىگە بېرىپ سۈرۈشتۈرگەن، ئەمما ئۇ شۇنچە كۆپ سۈرۈشتۈرگەن، سۈيلىگەن بولسىمۇ قالغان پۇل يەنىلا ئەمەلىيلەشمىگەن، 2013-يىلى 18-يانۋار ئاندىن قالغان 140 مىڭ يۈەن پۇل باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ھېساباتىغا كىرگەن.

  يېقىندا ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرى جۇڭگو قىزىل كىرسىت جەمئىيىتى تۈر باشقۇرۇش بۆلۈمىگە باردى، باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش تۈرىگە مەسئۇل كىشى ئالدى بىلەن ئىئانە پۇلنىڭ كېچىكىپ كەتكەنلىكىدىن كەچۈرۈم سورىدى.

  مۇخبىر تۈر بۆلىمىدىن ئىئانە بەرگۈچى ئىئانە بېرىش كېلىشىمىگە قول قويغاندىن تارتىپ، ئىئانە بېرىلگەن قۇرۇلۇشقا ۋىۋىسكا ئاسقۇچە جەمئىي 40 غا يېقىن رەسمىيەت بارلىقىنى ئىگەللىدى،ب ۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: پۇل ئۆلكىگە ئاندىن شەھەرگە بارغۇچە بىر جەريان كېتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا قىزىل كىرسىت جەمئىيىتى تۈر باشقۇرۇش بۆلۈمىدىكى ھەر بىر خىزمەتچى خادىمنىڭ قولىدىكى تۈر نەچچە يۈزدىن ئاشىدۇ، شۇڭا بەزى تۈر مەبلىغىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەسكە توختايدۇ.

  ئىستانسىمىز مۇخبىرى مۇنداق دەپ قارىدى: ئاممىۋىي پاراۋانلىق چوڭ ئارقا كۆرۈنىشىدە، چوڭ كىچىك پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرى قۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلغان پاراۋانلىق تۈرلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، قانداق قىلىپ پاراۋانلىق تۈرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە