- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سۈرىيە، مالى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات-بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇچ كەلگەن ئۈچ خىرىس
2013.01.23 15:35 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇيوركتىكى باش شىتابتا ئورگىنىدا مۇنداق دېدى:سۈرىيە، مالى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مەسىلىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2013-يىلى دۇچ كەلگەن ئۈچ چوڭ خىرىس شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2013-يىلىدىكى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلى بويىچە ئويلىنىپ ۋە ھەرىكەت قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.
بان كىمون مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:سۈرىيە كىرزىسى كوسۇۋۇ كىرزىسىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ مۇساپىرلار دولقۇنىنى پەيدا قىلدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چوقۇم پۈتۈن كۈچى بىلەن سۈرىيە خەلقىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى ھەمدە دىپلوماتىيە يولى بىلەن زوراۋانلىقنى تۈگىتىشى كېرەك.
بان كىمون يەنە مۇنداق دېدى: مالى تېررورىزىمنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلدى، مالى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا سىياسىي، بىخەتەرلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قاتارلىق جەھەتلەردىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە