باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى ئاخىرلاشتى

2013.01.23 15:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2011-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا باشلانغان مەملىكەتلىك يېڭى بىر نۆۋەتلىك ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى خىزمىتى پۈتۈنلەي ئاياغلاشقان. 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەردىكى 2878 ناھىيە، شەھەر، رايون ۋە 33 مىڭ 281 يېزا، بازاردا ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سايلاپ چىقىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ خادىملىرى سايلاپ چىقىلغان.

  بۇ قېتىمقى ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى، 2010-يىلى سايلام قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، سايلىغۇچىلارنىڭ سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى ۋە سايلامنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان. 981 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىغا تىزىملىتىپ، 600 مىڭغا يېقىن ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى سايلاپ چىققان. يېزا دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىغا تىزىملاتقانلار 723 مىليوندىن ئېشىپ، 19 مىليون 420 مىڭ يېزا دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سايلاپ چىقىلغان. ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك بىر قېتىملىق سايلامدا مۇۋەپپەقىيەتلىك سايلاپ چىقىلغان رايون سايلام رايونى ئومۇمىي سانىنىڭ %99 دىن كۆپرەكىنى ئىگەللىگەن.

  بۇ قېتىملىق نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىدا ۋۇجۇتقا كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ قۇرۇلمىسىمۇ يەنىمۇ سەرخىللاشقان. سايلاپ چىقىلغان ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدە، ئىشچى، دېھقان ۋە كەسىپى تېخنىكا خادىملارنىڭ نىسبىتى ئۆتكەن نۆۋەتلىكنىڭكىدىن كۆپ بولغان، ئايال ۋەكىللەرنىڭ نىسبىتىمۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان، پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %4.3 ۋە %2.4 چۈشكەن، ئاز سانلىق مىللەت ۋە ۋەتەنگە قايىتقان مۇھاجىر ۋەكىللەرنىڭ نىسبىتى قانۇندا بىكىتىلگەن نىسبەت بويىچە بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە