باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلارنىڭ ئىككى يىغىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

2013.01.22 15:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل جۇڭگودىكى ھەر قايسى ئۆلكە ئاپتونوم رايون مەركەزكە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئىككى يىغىن 19-يانۋاردىن باشلاپ تەخمىنەن ئون كۈن ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك باشلىنىدۇ. بۇ جايلاردىكى ئىككى يىغىن پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى نۆۋەت ئالمىشىش يىلىغا توغرا كەلدى. يىغىندا يېڭى سىياسەت، يېڭى ئىستىل ئاشكارىلىنىدۇ ھەمدە ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېڭى رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلىدۇ.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى تىزلىكتە چىقاردى. بۇ يىغىننى قىسقا ئېچىش، گۈل تىزماسلىق، قىزىل گىلەم سالماسلىق، ئىقتىسادچىل تىجەشلىك بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2013-يىلى جايلاردىكى ئىككى يىغىن ئاممىنىڭ يېڭى سىياسەت، يېڭى ئىستىللارنى كۆزىتىشىنى كۆزنەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  دۆلەتلىك مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسورى شۈ ياۋتوڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى جايلارنىڭ ئىككى يىغىنى ياخشى باشلامچى بولۇپ، قىسقا ئېچىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي يۇقىرى ئۈنۈمنى كۆزلەپ، قۇرۇق گەپ قىلماسلىق كېرەك.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جايلاردىكى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى بېيجىڭ، جياڭسۇ، خېنەن، يۈننەن، سەنشى قاتارلىق جايلارغا نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەشنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى ئىستىلىنى نازارەت قىلىدىكەن ھەمدە نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى خىزمىتى ۋە پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە