باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەرلىكنىڭ ئىككى يىغىنى كەينى ـ كەينىدىن يېڭى يىغىن ئىسىتىلى بويىچە ئېچىلماقتا(1)

2013.01.23 09:19        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆلكە دەرىجىلىك ئىككى يىغىن كەينى-كەينىدىن ئېچىلىشقا باشلىدى، بۇ يىللىق يەرلىكنىڭ ئىككى يىغىنىدا تېجەشلىك بولۇش، راسچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، قىزىق نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش، يېڭى يىغىن ئىستىلى بولۇش نامايەن قىلىندى.

  جياڭسۇ ئۆلكىلىك 11-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 1-يىغىنى نەق مەيدانىدا، رەئىس سەھنىسىگە گۈل قويۇلمىدى ۋە ھېچقانداق بېزەلمىدى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ئاخبارات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جىن جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: يېڭى يىغىن ئىستىلى800 گە يېقىن سىياسىي كېڭەش ئەزاسىنىڭ «تاماق، تۇرالغۇ، قاتنىشى»دا ئومۇمىيۈزلۈك گەۋدىلەندى. پۈتۈن يىغىندا زىياپەت تەسىس قىلىنمىدى، تاللا تاماقتا ھاراق بېرىلمىدى. قەغەز ماتېرياللار ئاز بېسىپ تارقىتىلدى، يىغىن قىسقا خەۋىرى، يىغىنغا ئالاقىدار ماتېرياللارنىڭ ھەممىسى جياڭسۇ سىياسىي كېڭەش تورىنىڭ ئىچكى تورىدا ئېلان قىلىندى.

  سىياسىي كېڭەش ئەزاسى سى شاۋچېن مۇنداق دېدى: يىغىنغا بېرىش-كېلىشتە مەخسۇس ساقچى ماشىنىسى يول ئېچىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلمىدى، شۇڭا ئەزالار ئالدىنقى يىللارغا قارىغاندا ئورنىدىن بىر سائەتكە يېقىن بۇرۇن تۇردى، بىز ئادەتتىكى ئاپتوموبىللارغا ئوخشاش، قاتناش بەلگە چىرىقى بويىچە يول يۈرىمىز. شۇڭا بۇ قېتىم مۇددەتتىن بۇرۇن يولغا چىقىدىغان بولدۇق، بۇ ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىش.

  گۇاڭجۇ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى خەن جىپېڭ گۇاڭجۇدىكى ئىككى يىغىندا، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىگە ھوجۇم قىلدى، ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئەھۋال سۈرۈشتۈرۈش نەق مەيدانىدا شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ جاۋابىدىن نارازى بولۇپ، يۇقۇرى ئاۋازدا: مەن بۇنى قۇبۇل قىلمايمەن، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: گۇاڭجۇدا ئەڭ تۆۋەن مائاش ئىككى يىل تەڭشەلمىدى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا تۇرىۋاتىدۇ، بۇندىن بۇرۇنقى مۇھىت تازلىقى ئىشچىلىرى ۋەقەسى بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك، لېكىن گۇاڭجۇ مەسىلىنى ئۆلكىگە دوڭگەپ قويدى، مەن بۇنى قۇبۇل قىلالمايمەن.

  جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابى كومىتېتى خېنەن ئۆلكىلىك كومىتېتى خېنەن ئۆلكىلىك 11-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش 1- يىغىنىدا تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر بالىلار پاراۋانلىق ئورگانلىرىنىڭ سانى بەك ئاز، ئەلئارا بېقىۋېلىش تەرتىپى مۇرەككەپ، يېتىم بالىلار ياردەم بېرىش سىستېمىسى قالاق، يېتىم بالىلارنى قۇتقۇزۇش قانۇنى يوق. تەكلىپ لايىھەسىدە قانۇن بەلگىلىمە ۋە سىياسەتلەر تېزدىن ئوتتۇرغا قويۇلۇپ، يېتىم بالىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىنسا دەپ تەكلىپ بېرىلدى.

  بۇ تەكلىپكە مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: خېنەن ئۆلكىسىنىڭ بالىلار پاراۋانلىقى جەھەتتىكى قانۇن بەلگىلىمىلەر، نىزاملار ياكى سىياسەتلەرنى تېزدىن ئوتتۇرغا قويۇش كېرەك. يېتىم بالىلارنى بېقىۋېلىش مەسئۇلىيەت سوبيېتكتى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سوبيېكتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەلئارا بېقىۋېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ يېتىم بالىلارغا بولغان مەسئۇلىيەت ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە