باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى مېترو 1-لىنىيەسىنى چارلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلاندى

2013.01.22 13:43         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچىلىكلەر ئۇزاقتىن بۇيان تەشنا بولۇۋاتقان مېترو 1-لىنىيەسىگە بۇ يىل قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ. گەرچە، نۆۋەتتە، ھاۋا سوغۇق، يەر توڭ بولسىمۇ، تۈرنىڭ ۋاقتىدا باشلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دەسلەپكى مەزگىللىك چارلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. نۆۋەتتە، مېترو 1-لىنىيەسى يولىغا نۇرغۇن چارلاش نۇقتىلىرى كولانغان بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك چارلاش خىزمىتى مارتنىڭ باشلىرىدا تاماملىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، مېترو قۇرۇلۇشىنىڭ چارلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتى دەسلەپكى چارلاپ تەكشۈرۈش، ئىنچىكە چارلاپ تەكشۈرۈش، قۇرۇلۇشقا تولۇقلاپ چارلاپ تەكشۈرۈش، گىئولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات قاتارلىق تۆت باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. چارلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، لايىھەلەش خىزمىتى باشلىنىدىكەن.

  باش بېكىتى ئۈچتاش، ئاخىرقى بېكىتى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپدۇرۇمىغىچە بولغان مېترو 1-لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 26.5 كىلومېتىر بولۇپ، جەمئىي 17 مىليارد 910 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن، جەمئىي 21 بېكەت تەسىس قىلىنغان. بۇ لىنىيەدە 2018-يىلى رەسمىي قاتناش باشلاش پىلانلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە