باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يولداش ياڭ بەيبىڭنىڭ جەسىتى بېيجىڭدا كۆيدۈرۈلدى

2013.01.22 14:22   مەنبە: خەلق تورى

يولداش ياڭ بەيبىڭنىڭ جەسىتى بېيجىڭدا كۆيدۈرۈلدى

  جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، ئارمىيەمىزنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي خىزمەت رەھبىرى، جۇڭگو كومپارتىيەسى 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، 14-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ سابىق باش كاتىپى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش سىياسىي بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇدىرى يولداش ياڭ بەيبىڭنىڭ جەسىتى 21-يانۋار بېيجىڭدىكى باباۋشەن ئىنقىلاب قەبرىستانلىقىدا كۆيدۈرۈلدى.

  يولداش ياڭ بەيبىڭ كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 15-يانۋار بېيجىڭدا 93 يېشىدا ۋاپات بولغان ئىدى. يولداش ياڭ بەيبىڭنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقاندا ھەم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، خۇ جىنتاۋ، شى جىنپىڭ، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى، جياڭ زېمىن قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى ھەر خىل شەكىللەر بىلەن يولداش ياڭ بەيبىڭنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن چوڭقۇر ھال سورىدى. 21-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن باباۋشەن ئىنقىلاب قەبرىستانلىقى سۈكۈتكە چۆمگەن، ماتەم مۇزىكىسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. زالغا «يولداش ياڭ بەيبىڭغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن خەت ئېسىلغان ئىدى، خەتنىڭ ئاستىغا يولداش ياڭ بەيبىڭنىڭ سۈرىتى قويۇلغان ئىدى. يولداش ياڭ بەيبىڭنىڭ جەسىتى گۈللەرنىڭ ئارىسىغا ياتقۇزۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى يېپىلغان ئىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئونلاردا، خۇ جىنتاۋ، شى جىنپىڭ، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن قاتارلىقلار ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە، يولداش ياڭ بەيبىڭنىڭ جەسىتى ئالدىغا كېلىپ سۈكۈتتە تۇردى، يولداش ياڭ بەيبىڭنىڭ جەسىتىگە ئۈچ تازىم قىلدى ھەم ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ھال سورىدى. پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى بۇ يەرگە كېلىپ ۋىدالاشتى ياكى ھەر خىل شەكىللەر بىلەن تەزىيە بىلدۈردى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، يولداش ياڭ بەيبىڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى، يۇرتداشلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ كېلىپ ۋىدالاشتى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

     تەۋسىيە

    ·ش ئۇ ئا ر دۆلەتنىڭ 6 مىليون 30 مىڭ يۈەن ئاسپىرانتلار ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلىنى تارقاتتى 
    ·شىنجاڭ يېزا قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ئىشتاتىنى تەكشۈرۈش دائىرىسى كېڭەيتىلدى 
    ·بۇ يىل كۈزدىن باشلاپ ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە مائارىپتا ئېتبار بېرىش ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەكتەپلەرنى تىزگىنلەش پىروگراممىسىنى يولغا قويدى 
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەكتەپنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، مەكتەپلەر مەمۇرىيەتلىشىش خ…
    ·ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقالارنىڭ قانچىسى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؟(1)
    ·ش ئۇ ئا ر مائارىپ نازارىتى يەسلىدە باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىك مەزمۇنلىرىنى ئوقۇتۈشنى چەكلىدى 
    ·چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا قانچىلىك راسخوت كېتىدۇ؟
    ·ش ئۇ ئا ر  20 ئىقتىساسلىق خادىمنى رۇسىيەگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىدۇ 
    ·ئۆزبېكستاندا تۇتقۇن قىلىنغان قىرغىزىستانلىق تۇتقۇنلار قويۇۋېتىلدى