باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ يېڭى سىگنالىنى بەردى

2013.01.23 15:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن باش سېكرېتار شى جىنپىڭ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئىككىنچى ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى، مۇخبىر ئەڭ دەسلەپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس ئالىملارنى زىيارەت قىلدى، ئۇلار مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى چۈشەندۈردى.

  چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنى قەتئىي بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇش، ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چوقۇم ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك، بۇنىڭ ئاچقۇچى دائىم، ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇتۇشتا، باش سېكرېتارنىڭ بۇ تەكلىپى ئىزدىنىش ژۇرنىلىنىڭ تەتقىقاتچىسى خۇاڭ ۋېيدىڭدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

  خۇاڭ ۋېيدىڭ مۇنداق دېدى: چىرىكلىك ھادىسىسىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە يىلتىزىدىن تۈگەتكىلى بولمايدۇ، بۇ بىر رىيال مەسىلە، باش سېكرېتار سۆزىدە دائىم، ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇتۇش دېگەن سۆزنى تەكىتلەپ، پارتىيەنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ۋەزىيىتىگە بولغان چوڭقۇر تونۇشىنى نامايان قىلىپ، ھەم پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش ئىرادىسى، ئۇزاق مۇددەت كۆرەش قىلىش ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى ھەم پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتكۈل خەلقنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

  دۆلەتلىك مەمۇرىي ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ يۈكەي مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى چىرىكلىك دېلولىرىنى تەھلىل قىلىدىغان بولساق چىرىكلەشكەنلەر ناچار ئىستىلنىڭ تەسىرىدە چىرىكلىشىپ كەتكەنلەر، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا باش سېكرېتار شى جىنپىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىستىلنى ياخشىلاش بىلەن چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئېچىپ بەردى.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى پاكلىق قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جۇ شۇجېن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 8 تۈرلۈك بەلگىلىمە خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشتا بىر ياخشى باشلىنىش بولدى، باش سېكرېتار چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، قاتتىق تۇتۇشنى تەكىتلىدى، بۇ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چىرىكلىكنىڭ يىلتىزىدىن ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر ئۈنۈملۈك يول ئېچىپ بەردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، چىرىكلەشكەنلەرنى قاتتىق جازالاش خىزمىتىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ،چوڭىنىمۇ، كىچىكىنىمۇ تەڭ جازالاش كېرەك، ھەم رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش ھەم ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ناتوغرا ئىشلار ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش لازىم.

  دۆلەتلىك مەمۇرىي ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ يۈكەينىڭ قارىشىچە باش سېكرېتارنىڭ بۇ تەلىپى ئەمەلىيەتتە پۇقرالارنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا چوڭلىرىنى جازالىماي، كىچىكلىرىنى جازالاش تەشۋىشىگە جاۋاب بېرىپ، خەلق ئاممىسىغا مەركەزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن.





مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە