باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىگە قارىتىلغان جازانى بوشاتقانلىقىنى جاكارلىدى

2013.06.14 13:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر كونتىرول قىلىپ تۇرغان رايونغا تېخىمۇ كۆپ قۇتقۇزۇش بېرىش ۋە قايتا قۇرۇش ياردىمى بېرىش ئۈچۈن، 12-ئىيۇن سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىگە قارىتىلغان جازانى بوشاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى شۇ كۈنى بۇ ئىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى ئىمزالىغان بىر تۈركۈم چەكلىمىنى تۈگىتىش بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ئەسلىدە ئامېرىكىنىڭ مەلۇم تاۋارلىرى، يۇمشاق دېتاللار ۋە تېخنىكىلىرىنى ئېكىسپورت قىلىشقا ياكى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى كونتىرول قىلىپ تۇرغان رايونغا قايتا ئېكىسپورت قىلىشغا بولىدۇ، بۇ مەھسۇلاتلار سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە سەھىيە سىستېمىسى ، يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەكلىكىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، توك بىلەن تەمىنلەش، نېفىت گازى ئىشلەپچىقىرىش، بىناكارلىق ۋە قۇرۇلۇش، تىرانسپورت ۋە مائارىپ ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرگە قورال-ياراق ياردەم بېرىش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلماقتا. كېررى 12-ئىيۇن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئەنگىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى خايگىر بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىگە مادارىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە