باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى ياۋروپا جۇڭگونىڭ بوشلۇق پونكىتى تۈرىگە ئالەم ئۇچقۇچىسى قاتناشتۇرۇشى مومكىن

2013.06.13 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى (BBC) نىڭ ئاخبارات قانىلىدا شۇ كۈنى «خاسىيەتلىك كېمە-10»نىڭ قويۇپ بېرىلىش ئەھۋالى خەۋەر قىلىندى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى تۈرى ئاساسەن مۇستەقىل ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ھەمكارلىقى كۆپ ئەمەس. لېكىن يېقىن كەلگۈسىدە بۇ ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولۇشى مومكىن، ياۋروپا جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى تۈرىگە ئالەم ئۇچقۇچىسى قاتناشتۇرۇش توغرىسىدا جۇڭگو بىلەن سۆھبەتلىشىشكە باشلىدى. BBC يەنە ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئادەملىك ئالەم قاتنىشى تۈرىنىڭ مۇدىرى توماس رېيتېرنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىشى مومكىن، «ھازىر ياۋروپا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى مەركىزىدىكى بىر قىسىم كەسىپداشلار خەنزۇچە ئۆگىنىۋاتىدۇ.» (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە