باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قانۇنسىز ئالتۇن قازغۇچىلارغا زەربە بېرىش جۇڭگوغا قارىتىلغان ئەمەس

2013.06.14 13:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گانانىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى 12- ئىيۇن مۇنداق دېدى: گانانىڭ قانۇنسىز ئالتۇن قازغۇچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جۇڭگولۇقلارغا قارىتىلغان ئەمەس. گانانىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى 12-ئىيۇن جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن تەشكىللەنگەن خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، گانا جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۇزاق مۇددەت دوستانە ئۆتۈپ كەلدى، گانا جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ گاناغا كېلىپ قانۇنلۇق مەبلەغ سېلىپ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىدۇ، ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرلۈك پايدىلىق شارائىتلارغا يارىتىپ بېرىدۇ دېدى.

  5-ئاينىڭ 14-كۈنى، گانا پىرېزىدېنتى قانۇنسىز ئالتۇن قازغۇچىلارغا زەربە بېرىش توغرىسىدىكى مىنىستىرلىق دەرىجىلىك بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسىنى قۇرغانلىقىنى جاكارلاپ، مەركەز ۋە يەرلىكتىكى ھەر قايسى تارماقلارنىڭ بىرلىكتە قانۇننى ئىجرا قىلىشىغا قوماندانلىق قىلدى ۋە ماسلاشتۇردى، قانۇننى ئىجرا قىلىش ئوبىيكتى گانادا قانۇنسىز ئالتۇن قېزىۋاتقان بارلىق گانالىق ۋە چەتئەللىكلەرگە ھەمدە گانا قانۇنىغا خىلاپ ھالدا كان ئېچىش ئىجازەتنامىسى ۋە يەرلەرنى چەتئەللىكلەرگە ساتقان ياكى ئۆتۈنۈپ بەرگەن يەرلىك كىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يېقىندا، جۇڭگو پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دۆلەتلەردىن كەلگەن قانۇنسىز ئالتۇن قازغۇچىلار قولغا ئېلىندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: جۇڭگولۇق 45 قانۇنسىز ئالتۇن قازغۇچى گانادىن ئايرىلدى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە