باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە قاتناش بىخەتەرلىك چوڭ تەكشۈرۈشى بولىدۇ

2013.06.14 13:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن تېلېۋىزىيە يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەت بويىچە تاشيول بىخەتەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋە قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى باش سېكرېتار شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىنى، مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تۈزەپ، قاتناشتا قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق تۈزەپ، مەملىكەت بويىچە تاشيول قاتنىشى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق مۇقىم بولۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بىخەتەرلىك تېخنىكىسى ئۆلچىمىگە يەتمىگەن، قانۇنسىز قۇراشتۇرۇلغان، دۆلەتنىڭ بىراك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ئاپتوموبىللارنىڭ نومۇرىنى بىردەك بىكار قىلىش. بىخەتەر بولمىغان يولۇچىلار، يۈك ئاپتوموبىللىرىنى جەزمەن مېڭىشتىن توختىتىش، يولغا چىقارماسلىق؛ بىخەتەرلىك ئاساسىي گەۋدىسى مەسئۇلىيىتى ئەمەلىيلەشمىگەن، ۋەقە كۆپ يۈز بەرگەن تىرانسپورت كارخانىلىرىنى جەزمەن مەخسۇس تۈزەش، مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە