باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئىككىنچى تاشيولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

2013.06.13 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەتتە ئاي داۋاملاشقان قاتناش توختىتىپ قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئىككىنچى تاشيولى مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىدا تاڭزۇڭزا بايرىمى ھارپىسىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش تىرانسپورتى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ سەپىرىگە قولايلىق يارىتىلدى. بۇ يولدا ساياھەتچىلەر ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلىنالايدۇ.

  كۇچا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 547 كىلومېتىر بولۇپ، دۆلەت تاشيولى 217-لىنىيەسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى ئىكەن. يېرىمدىن كۆپرەك يول بۆلىكى چوڭقۇر جىلغا خەتەرلىك ئېقىنلارنى كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، ئۇزۇن يىل رېمونتسىز قالغان ۋە يەر تەۋرەش، لاتقا ـ شېغىللىق ئېقىن، قار دۆۋىسى، پارچىلىنىپ چۈشكەن تاش، توڭ توپا قاتارلىقلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلىقتىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ مۇھىم يول كۆپ قېتىم ئۈزۈلۈپ قالغان. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ، مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىدا قاتناش توختىتىلىپ رېمونت قىلىنىشقا باشلانغان ئىدى.

  مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىدا قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىمالىي شىنجاڭدىكى قاناس، ناراتتىىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۇچار، خوتەن، قەشقەرگە بارىدىغان ساياھەتچىلەر ياكى يۈك ماشىنىلىرى مۇشۇ يول ئارقىلىق بارالايدىغان بولدى، بۇ يول ئۈرۈمچىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا بارىدىغان دۆلەت 314-تاشيولىغا قارىغاندا 200 كىلومېتىردىن كۆپرەك قىسقا ئىكەن。

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە