باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«خاسىيەتلىك كېمە-10»دىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدىن بايراملىق سالام يوللىدى

2013.06.13 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن دېھقانلار كالىندارى بويىچە 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، يەنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى تاڭزۇڭزا چاغىنى. «خاسىيەتلىك كېمە-10»دىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدا بۇ بايرامنى ئۆزگىچە شەكىلدە ئۆتكۈزدى.شۇ كۈنى چۈشتە، بىز بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇش كونتىرول مەركىزىگە كېلىپ، زالدىكى چوڭ ئېكراندائالەم ئۇچقۇچىلىرىنى كېمە بۆلمىسىدىكى ئەھۋالىنى ئېنىق كۆردۇق.

  سائەت 13تە، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى «تاڭزۇڭزا چاغىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن» دېگەن خەت يېزىلغان تاختىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، «بۈگۈن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى تاڭزۇڭزا چاغىنى. بىز <خاسىيەتلىك كېمە-10>دىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىپۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلارغا بايراملىق سالام يوللايمىز، تاڭزۇڭزا چاغىنىڭلارمۇ مۇبارەك بولسۇن!» دېدى. (ما لى، ليۇ رەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە