باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ج خ ج دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 636-نومۇرلۇق بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى

2013.06.08 16:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ يېقىندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 636-نومۇرلۇق بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ، «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چەتئەل مەبلىغىدىكى سۇغۇرتا شىركەتلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى قارارى»نى ئېلان قىلدى، بۇ يىل 1-ئاۋغۇستتىن تارتىپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چەتئەل مەبلىغىدىكى سۇغۇرتا شىركەتلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ تۈزىتىلگەن جايلىرى تۆۋەندىكىچە: 7-ماددىنىڭ 1-تارمىقى-شېرىكلەشكەن سۇغۇرتا شىركەتلىرى، شېرىكسىز سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان دەسمايىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى 200 مىليون يۈەن ياكى تەڭ قىممەتتىكى ئەركىن ئايرىباشلىنىدىغان پۇل بولىدۇ، ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان دەسمايىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مەبلەغ چېكى ئەمەلىي تاپشۇرۇلىدىغان پۇل دەسمايىسى بولۇشى كېرەك دەپ ئۆزگەرتىلدى. 2-ماددىسى-چەتئەل سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ شۆبىسى باش شىركەت ھەقسىز ئاجراتقان ئاز دېگەندە 200 مىليون يۈەن ياكى تەڭ قىممەتتىكى ئەركىن ئايرىباشلىنىدىغان پۇل ئارقىلىق، يۈرۈشتۈرۈش مەبلىغىگە ئېرىشىشى كېرەك دەپ ئۆزگەرتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل