باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹نامرات ئائىلىلەردىكى تۇغما يۈرەك كېسىلى بار ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى خوتەن سەپىرى›› باشلاندى

2013.06.08 15:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ يۈنخەي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭخۇا خەيرىيەت باش جەمئىيىتى باشلامچىلىق قىلىپ تەشكىللىگەن، خوتەندىن تاللانغان تۇنجى تۈركۈمدىكى تۇغما يۈرەك كېسىلى بار ئون بالا ھەقسىز داۋالىنىش ئۈچۈن يېقىندا ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا يۈرۈپ كەتتى. بۇ، ‹‹بالىلىرىمىز ئۈچۈن نامرات ئائىلىلەردىكى تۇغما يۈرەك كېسىلى بار ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى خوتەن سەپىرى››نىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  شۇ كۈنى سەھەردە تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ئاپتوبۇس بىلەن خوتەن ئايرودۇرۇمىغا باردى. قاراقاش ناھىيەسى سايباغ يېزىسى كۇسۇي كەنتىدىكى نامرات دېھقان مەمتىمىن مەتتۇرسۇننىڭ تۇنجى قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا بېرىشى، شۇنداقلا قىزىنى داۋالىتىپ ساقايتىش ئۈمىدىگە ئېرىشىشى ئىدى. ئۇنىڭ بەش ياشلىق قىزىغا 14 ئايلىق بولغاندا تۇغما يۈرەك كېسىلى، دەپ دىياگنوز قويۇلغان. بۇ ئىش ئۇلارغا نىسبەتەن كۈتۈلمىگەن ھادىسە ئىدى. مەمتىمىن ۋاقىتلىق ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئائىلىسىدىكىلەرنى بېقىپ كېلىۋاتاتتى، خوتۇنى كېسەلچان بولۇپ، دائىم دېگۈدەك دوختۇرخانىدا ياتاتتى. مەمتىمىن قىزىنى داۋالىتىش ئۈچۈن تەرەپ – تەرەپكە قاترىدى ھەم تاپقان – تەرگىنىنى ئىشلىتىپ تۈگەتتى. مەمتىمىن قەرزگە بوغۇلۇپ كەتسىمۇ، قىزى يەنىلا ساقايمىدى. بەختىگە يارىشا ئۇنىڭ قىزى بۇ قېتىم جۇڭخۇا خەيرىيەت باش جەمئىيىتى بىلەن گۇاڭجۇ ھەربىي رايون باش دوختۇرخانىسى بىرلىشىپ خوتەندە يولغا قويغان تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنى ئوپېراتسىيە قىلىش تۈرىگە تاللاندى.

  مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن داۋالاش ئەترىتى بۇ قېتىم خوتەن، قاراقاش، لوپ قاتارلىق تۆت ناھىيە، شەھەردە نامرات ئائىلىلەردىكى ئېغىر تۇغما يۈرەك كېسىلى بار 1000 بالا بىلەن كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان بىر ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنىڭ ئىچىدىن ئوپېراتسىيە قىلىشقا تېگىشلىك 53 بالىنى تاللىدى، تۇنجى تۈركۈمدە ئون بالا بېيجىڭدا ھەقسىز داۋالىنىۋاتىدۇ، 2 – تۈركۈمدىكى بالىلار پات ئارىدا گۇاڭجۇدا ھەقسىز داۋالىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى خالىس كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىدە داۋالىنىش چىقىمىنى جۇڭخۇا خەيرىيەت باش جەمئىيىتى ئۈستىگە ئالىدىكەن، خوتەن ‹‹لۈفېڭ›› يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 53 ئاغرىق بالا بىلەن ھامىيلىرىنىڭ بېرىپ – كېلىش كىرا پۇلى ۋە داۋالىنىش مەزگىلىدىكى ياتاق پۇلى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك چىقىملارنى ئۈستىگە ئالىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە