باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى شى جىنپىڭنىڭ 3 دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇش ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى

2013.06.09 13:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 31-مايدىن 6-ئىيونغىچە تەكلىپكە بىنائەن تىرىنىداد ۋە توباگو، كوستارىكا، مېكسىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. زىيارەت ئاخىرلاشقان پەيتتە، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتتە تۆۋەندىكى بىر قانچە مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى: 1) ئۆز ئارا ئىشىنىش كۈچەيتىلىپ، جۇڭگو بىلەن بۇ 3 دۆلەت ۋە لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى. 2) ئەمەلىي ھەمكارلىق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭگو بىلەن بۇ ئۈچ دۆلەت ۋە لاتىن ئامېرىكىسى، كارىب رايونى ھەمكارلىقىنىڭ نۇقتىلىق ساھەلىرى بېكىتىلدى. 3) خەلق ئارىسىدىكى ئالاقە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يۇقىرىقى 3 دۆلەت ۋە لاتىن ئامېرىكىسى، كارىب رايونى خەلقلىرىنىڭ جۇڭگونى چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. 4) ماسلىشىپ ھەمكارلىشىش كۈچەيتىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ئورتاق ۋە بىر پۈتۈن مەنپەئەتى پائال قوغدالدى.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە مۇنداق بىر مۇھىم ئۇچۇر تارقىتىلدى: يەنى جۇڭگو بارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى خالايدۇ. مەيلى دۆلەت چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، يىراق بولسۇن ياكى يېقىن بولسۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگو ھامان بىر بىرىگە زىچ باغلانغان، تەقدىرداشلار. جۇڭگو مەڭگۈ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ياخشى دوستى ۋە ياخشى شېرىكى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل