باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«خاسىيەتلىك كېمە-10» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

2013.06.13 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ئالەم كېمىسىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى كۆردى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەنلەر بېيجىڭدا قويۇپ بېرىش ئەھۋالىنى كۆردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇن جيۇچۈەندىن بەرگەن خەۋىرى: ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدا يېڭى سەھىپە يارىتىلدى. بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئىيۇن سائەت 17دىن 38 مىنۇت ئۆتكەندە، «خاسىيەتلىك كېمە-10» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە قويۇپ بېرىلدى ۋە بەلگىلەنگەن ئوربېتاغا ئوڭۇشلۇق كىرگۈزۈلدى، ئۈچ نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەم بوشلۇقىغا كىردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ئالەم كېمىسىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى كۆردى.

  لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەنلەر بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇش كونتىرول مەركىزىدە ئالەم كېمىسىنىڭ قويۇپ بېرىش ئەھۋالىنى كۆردى. (خو شياۋگۇاڭ، ۋۇ جىڭجىڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسىى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل