باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى، لى كېچياڭ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەققىدە بەش تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى

2013.07.12 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار كەلكۈن ۋە گىيولوگىيەلىك ئاپەتتىن سىگنال بېرىش ۋە مۇداپىئەلىنىش، تاقابىل تۇرۇش ۋە بىرتەرەپ قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم تەستىق سالدى ۋە يوليورۇق بەردى، ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلاردىن ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتنى ئازايتىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى. ئۆلچەش-سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئىنتايىن ناچار ھاۋارايى ئۆزگىرىشلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېنىق ئاشكارىلاش كېرەك. جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش دىجۈرنىلىكىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. زور خەتەر كۆرۈلگەندە دەرھال ئاممىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ۋە قۇتقۇزغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە، توسما، سۇ ئامبىرى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىلەمچى ئاپەت كېلىپ چىقىشىدىن ئوبدان مۇداپىئەلىنىپ، زىياننى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل