- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


روسىيەنىڭ ھەربىي سۈنئىي ھەمراسىدىن بىرى ئاتموسفېرا قاتلىمىغا چۈشۈپ كېتىپ، پۈتۈنلەي كۆيۈپ كەتكەن
2013.07.17 17:48 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «روسىيە ئاۋازى» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، روسىيە فېدراتسىيىسى ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى ھەپتىنىڭ ئىككىسى (16-ئىيۇل) روسىيە ئارمىيىسىنىڭ يەر يۈزىنى تەكشۈرگۈچى سۈئىي ھەمراسى « GEO - IK -2» نىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، قۇرۇلما زاپچاسلىرىنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرگەندە پۈتۈنلەي كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئاۋىئاتسىيە بوشلۇق مۇداپىئەسى مەركىزى ۋە مەركىزىي ئۈسكۈنە ياساش پەن تەتقىقات ئاكادىمىيىسى ئۇچۇش كونترول مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، موسكۋا ۋاقتى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 18:05 دە، سۈنئىي ھەمراھ زىچ ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرگەن ۋە پۈتۈنلەي يوقاپ كەتكەن. روسىيە فېدراتسىيىسى ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، سۈنئىي ھەمراھنىڭ زاپچاسلىرى ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرگەندىلا پۈتۈنلەي كۆيۈپ تۈگەشكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار