7-ئىيۇلدىن 8-ئىيۇلغىچە، يۈ جېڭشېڭ گەننەن تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ، يېزا-بازار، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىر ئاممىسى بىلەن تەرەققىيات، مۇقىملىق بۈيۈك پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يېقىندا گەنسۇ گەننەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ تىبەتلەر رايونىنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى تۈرلۈك سىياسى تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى چىڭ تۇتۇپ، كەڭ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا دالاي گۇرۇھىغا قارىتىلغان كۈرەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تىبەتلەر رايونىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)