باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كۇبا ھۆكۈمىتى پانامادا تۇتۇپ قېلىنغان قوراللار كۇبانىڭ قوراللىرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى(1)

2013.07.19 08:22        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۇبا 16-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: پانامادا تۇتۇپ قېلىنغان قوراللار كۇبانىڭ قوراللىرى، ئۇلار قىسمەن كونا قورال-ياراقلارنىڭ زاپچاسلىرى بولۇپ، ئەسلىدە رىمونت قىلىنىش ئۈچۈن چاۋشيەنگە يۆتكەپ مېڭىلغان. پانامانىڭ ئاممىۋىي بىخەتەرلىك مىنىستىرى خوئېس رائۇل مورىنىئو شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرى تەكشۈرۈپ، پاراخوت خادىملىرىنى ۋە قوراللارنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى بېكىتىدۇ. پاناما پىرېزىدېنتى رىكادو مادىنېرى 15-ئىيۇل مۇنداق دېدى: بۇ پاراخوتقا چاۋشيەننىڭ بايرىقى ئېسىلغان. پاناما دەسلەپتە بۇ پاراخوتقا زەھەر يوشۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمانلانغان، لېكىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق قىزىل شېكەر قاچىلانغان يۈك ساندۇقىنى چۈشۈرگەندە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ماتېرىياللىرىمۇ بارلىقى بايقالغان.

  كۇبا ھۆكۈمىتى 16-ئىيۇل كەچتىكى بىر باياناتتا مۇنداق دېدى: پانامادا تۇتۇپ قېلىنغان پاراخوتتا ئون مىڭ توننا شېكەر بىلەن 240 توننا كونىچە مۇداپىئە خاراكتېرلىك قورال بار.

  باياناتتا مۇنۇلار ئەسكەرتىلدى: بۇ قوراللار ئىككى يۈرۈش ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى، توققۇز چۇۋۇلغان راكىتامىيوت، ئىككى مىگې-21 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە 15 مىگې-21 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ ماتورىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قوراللار 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياسالغان بولۇپ، كۇبانىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئىشلىتىلىدۇ.

  كۇبا ھۆكۈمىتى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: بۇ قوراللار ئەسلىدە چاۋشيەنگە ئەۋەتىلىپ رىمونت قىلىنغاندىن كېيىن، كۇباغا قايتۇرۇلۇپ كېلىنمەكچى ئىدى. كۇبا ھۆكۈمىتى تىنچلىقنى قەتئىي قوغداپ، يادرو قوراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

  پاناما پىرېزىدېنتى رىكادو مادىنېرى 15-ئىيۇل مۇنداق دېدى: بۇ پاراخوتقا چاۋشيەننىڭ بايرىقى ئېسىلغان. پاناما دەسلەپتە بۇ پاراخوتقا زەھەر يوشۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمانلانغان، لېكىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق قىزىل شېكەر قاچىلانغان يۈك ساندۇقىنى چۈشۈرگەندە ئۇنىڭدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ماتېرىياللىرىمۇ بار ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

  پانامانىڭ ئاممىۋىي بىخەتەرلىك مىنىستىرى مورىنىئو 16-ئىيۇل پاناما ئۆتكەن ھەپتە تۇتۇپ قالغان پاراخوتتا قورال قاچىلانغان جەمئىي ئىككى يۈك ساندۇقى بايقالدى دېدى.

  پاناما ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر بۇ قوراللارنى باھالاش ئۇدا بىر ھەپتە داۋاملىشىشى مۇمكىن دېدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل