باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، 46 ئادەم مۇكاپاتلاندى

2013.07.26 17:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:7-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ تەنتەربىيە مۇخبىرلىرى جەمئىيىتى باشلامچى بولغان، ئۈرۈمچى جيۇيې فۇشى مەھسۇلاتلىرى تەرەققىيات چەكلىك شېركىتى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئۆتكۈزگەن شىنجاڭ ئاخبارات ساھەسى «جيۇيې فۇشى لوڭقىسى» سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى قىزىلتاغ سۇ ئۈزۈش سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

  مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئاخبارات ئورۇنلىرى ۋە ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاخبارات ئورۇنلىرىدىن بولۇپ 16 ۋاكالەتچى كوماندىدىن 180دىن ئارتۇق ئادەم مۇسابىقىگە قاتناشتى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئاياللارنىڭ 50 مېتىرغا پاقىچىلاپ ئۈزۈش، ئاياللارنىڭ 100 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش، ئەرلەرنىڭ 50 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش، ئەرلەرنىڭ 100 مېتىرغا پاقىچىلاپ ئۈزۈش، ئەر-ئايال ئارىلاش قىزىقارلىق كۈچ ئۇلاپ ئۈزۈشتىن ئىبارەت 5 مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىنغان. كەسكىن مۇسابىقە ئارقىلىق، 46 ئادەم ئايرىم ئايرىم ھالدا چېمپىيونلۇق، ئىككىنچىلىك، ئۈچىنچىلىك قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار