باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەنۇبىي سۇدان زۇڭتۇڭى ھۆكۈمەتنى تۇيۇقسىز تارقىتىۋەتتى

2013.07.26 17:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:جەنۇبىي سۇدان زۇڭتۇڭى سالۋا.كىر 23-ئىيۇل تۇيۇقسىز ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىش بىلەن بىرگە، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ رىك.مارچانى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى. بۇيرۇقتا بۇ قېتىمقى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشنىڭ سەۋەبى كۆرسىتىلمىدى. جەنۇبىي سۇدان 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇستەقىل بولغان، كىر تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى، قوشۇمچە قوراللىق قىسىمنىڭ باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. جەنۇبىي سۇدان زۇڭلىلىق ۋەزىپىسى تەسىس قىلمىغان، ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا زۇڭتۇڭ بىۋاستە رىياسەتچىلىك قىلىپ كەلگەن.

  مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ مارچانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ئەمەلدارلار بۇ ئىشنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭمۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدىن ئۆزىنىڭ ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

  ھەربىي تەرەپ پايتەخت جۇباغا نۇرغۇن ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغان، لېكىن ئۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتى تېنچ بولغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار