باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە ئەمەلىي بولۇش كېرەك

2013.07.25 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ماكرو ئىگىلىك سىياسىتى رامكىسىنى «ئىقتىسادىي ھەرىكەت دائىرىسى» بىلەن قانداق ماسلاشتۇرۇشنى تەپسىلىي شەرھلەپ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي ھەرىكەت مۇۋاپىق دائىرىدە تۇرۇۋاتقاندا، ماكرو ئىگىلىك سىياسىتىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئىسلاھات مېۋىسىنى قويۇۋېتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىش لازىم؛ ئىقتىسادىي ھەرىكەت «يۇقىرى، تۆۋەن چەك»كە يېقىنلىشىپ قالغاندا، ماكرو ئىگىلىك سىياسىتىنى ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ياكى پاخاللىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مايىللاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەدبىرلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاش لازىم.

  شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ھەم ئىقتىسادىي ھەرىكەتتىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ يولى، ھەم كەلگۈسى تەرەققىيات يولىنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنى ئۇزاق مۇددەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىشنىڭ تۈپ يولىدۇر. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئەمەلىي ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى تۈزۈش ئارقىلىق قۇرۇلمىنى زور كۈچ بىلەن تەڭشەپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.

  ليۇ ياڭ خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم