باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

زۇڭلى لى كېچياڭ 2 مىليون 200 مىڭ تۆمۈريول ئىشچى-خىزمەتچىسىگە رەھمەت ئېيتتى

2013.07.25 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 24-چېسلا زۇڭلى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا تۆمۈريولنىڭ مەبلەغ سېلىش-مەبلەش يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىش تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يىل بېشىدا جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتىنىڭ ۋىۋىسكا ئاسقانلىقى جۇڭگو تۆمۈريول سىستېمىسىنىڭ يېڭى بىر تەرەققىيات يولىغا قەدەم باسقانلىقىدىن، شۇنداقلا تۆمۈريول سىستېمىسىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىدا يېڭى قەدەم تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ قېتىمنى گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلارنىڭ يىغىنىدا، زۇڭلى لى كېچياڭ 2 مىليون 200 مىڭ تۆمۈريول ئىشچى-خىزمەتچىسىگە ئىككى قېتىم رەھمەت ئېيتتى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن 2 مىليون 200 مىڭ تۆمۈريول خىزمەتچىسىگە رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇلار جۇڭگو تۆمۈريول سىستېمىسىنىڭ تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشقا زور تۆھپە قوشتى؛ مەن ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى پۇقرالارغا ۋاكالىتەن 2 مىليون 200 مىڭ تۆمۈريول خىزمەتچىسىگە رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇلار ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىتىلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە.»

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم