باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 2013-يىلى يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئىقتىساس ئىگىلىرىدىن 13مىڭنى تەربىيلىمەكچى

2013.07.26 17:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شىنجاڭدا 2013-يىللىق يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەش خىزمىتى باشلاندى، 2013-يىلى 7-ئايدىن، 2014-يىلى 6-ئايغىچە يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئىقتىساس ئىگىلىرىدىن 13 مىڭنى تەربىيلەش پىلانلاندى. بۇ خەۋەرنى مۇخبىر 24-ئىيۇل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىگەن.

  بۇ قېتىم ئاساسلىقى يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەش پىلانى، كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ كەسپىي تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈش پىلانى، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش پىلانى، تېخنىك ئۇستىسى ۋە تېخنىك يېتەكچىلىرىگە دائىر مەخسۇس تېخنىكىلىق تەربىيەلەش پىلانى قاتارلىق 4 تەربىيلەش پىلانى يولغا قويۇلىدۇ.

  بۇ قېتىم شىنجاڭ يەنە تەربىيلەش تۈرىگە ئاساسەن مەلۇم مىقداردا تەربىيلەش تولۇقلىما پۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەش پىلانى تۈرى بويىچە يىلدا 10مىڭ ئادەمنى تەربىيلەيدۇ، تولۇقلىما ئۆلچىمى ئالىي دەرىجىلىك ئىشچىنىڭ 1000يۈەن، تېخنىك ئۇستىسىنىڭ 1200يۈەن، ئالىي تېخنىك ئۇستىسىنىڭ 1500يۈەن بولىدىكەن؛ كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ كەسپىي تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈش پىلانى تۈرى بويىچە يىلدا 2000ئادەم تەربىيلىنىدىكەن، ھەربىر ئادەمگە 500 يۈەندىن تولۇقلىما بېرىلىدىكەن؛ ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش پىلانى تۈرى بويىچە 1250 ئادەم تەربىيلىنىپ، ھەربىر ئادەمگە 4000 يۈەندىن تولۇقلىما بېرىلىدىكەن؛ تېخنىك ئۇستىسى ۋە تېخنىك يېتەكچىلىرىگە دائىر مەخسۇس تېخنىكىلىق تەربىيەلەش پىلانى تۈرى بويىچە يىلدا 50 ئادەم تەربىيلىنىپ، ھەربىرىگە 20مىڭ يۈەندىن تولۇقلىما بېرىلىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار